بايدىن نۇتۇقىدا رۇسىيە ۋە خىتاينى تەنقىد قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن: «رۇسىيە قوشنىسىغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بىر دۆلەتنى خەرىتىدىن ئۆچۈرمەكچى بولدى» دېدى.

1883036
بايدىن نۇتۇقىدا رۇسىيە ۋە خىتاينى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن نىيۇ يوركتا داۋاملىشىۋاتقان 77-قېتىملىق ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

ئۇ نۇتۇقىنىڭ بېشىدا 24-فېۋرالدىن (2022) بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى توختىلىپ: «ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى رۇسىيە، قوشنىسىغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بىر دۆلەتى خەرىتىدىن ئۆچۈرمەكچى بولدى» دېدى.

ئۇ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ تۈنۈگۈن (2022-يىلى 21-سېنتەبىر) يادرو قورالى توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتى ئۈستىدە: «پۇتىن يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېلىشىمى رامكىسىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى پەرۋاسىزلارچە نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ياۋروپاغا يادرو تەھدىتى سالدى» دېدى.

ئۇ ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولماسلىقى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «خىتاي ھېچقانداق ئوچۇق-ئاشكارا بولماي تۇرۇپ، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان سەۋىيەدە ۋە كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە يادرو قوراللىنىش يولىغا ماڭدى» دېدى.

ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر-ئالاقە كوردىناتورى جون كىربى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ يادرو قورالى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى باياناتىغا «ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقلىرىنى» ۋە رۇسىيەنىڭ يادرو ئورۇنلاشتۇرۇشىنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن تۈنۈگۈن دۆلەت قاناللىرىدا تارقىتىلغان نۇتۇقىدا ئۆزىنىڭ قىسمەن سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلغانلىقىنى جاكارلاپ، يادرو قوراللىرىغا ئىشارە قىلىپ، زۆرۈر تېپىلغاندا، قوللىرىدىن كېلىدىغان بارلىق ئىقتىدارلاردىن پايدىلىنىشتا ئىككىلەنمەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر