ۋۇجىج: ئاھىدە ھەرىكەت باسقۇچىدىن ھالقىپ چوڭ ئۇرۇشقا يېقىنلىشىۋاتىمىز دەپ ئويلايمەن

سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندر ۋۇجىج، رۇسىيەنىڭ 24 – فېۋرال باشلىغان ئۇرۇشى توغرىسىدا توختىلىپ، «مېنىڭچە بىز ئالاھىدە ھەرىكەت باسقۇچىدىن ھالقىپ چوڭ ئۇرۇشقا يېقىنلىشىۋاتىمىز» دېدى.

1882655
ۋۇجىج: ئاھىدە ھەرىكەت باسقۇچىدىن ھالقىپ چوڭ ئۇرۇشقا يېقىنلىشىۋاتىمىز دەپ ئويلايمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ 77- نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيويورك شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئالېكساندر ۋۇجىج، سېربىيەنىڭ RTS قانىلىغا بايانات بەردى.

«مېنىڭچە بىز ئالاھىدە ھەرىكەت باسقۇچىدىن ھالقىپ چوڭ ئۇرۇشقا يېقىنلىشىۋاتىمىز. ھازىرقى مەسىلە چېگرالارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى مەسىلىسى، بىر مەزگىلدىن كېيىن، بەلكىم بىر - ئىككى ئاي ئىچىدە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى (1939-1945) دىن بۇيان مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان زور كۆلەملىك دۇنياۋى چوڭ توقۇنۇشقا كىرىش – كىرمەسلىكىمىز مەسىلىسى بولۇشى مۇمكىن» دېگەن ۋۇجىج، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «پۇقرالىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بىزنىڭ قولىمىزدا. مەن رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ، دەپ ئويلايمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر