چىپراس: تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا دىيالوگ قانىلىنىڭ بولماسلىقى ئەندىشەلەندۈرمەكتە

گىرېتسىيەدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە «رادىكال سولچىلار ئىتتىپاقى (SYRIZA)» نىڭ رەھبىرى ئالېكىس چىپراس تۈركىيە بىلەن دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا دىيالوگ قانىلىنىڭ بولماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1881544
چىپراس: تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا دىيالوگ قانىلىنىڭ بولماسلىقى ئەندىشەلەندۈرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالېكىس چىپراس خەلقئارا سەلانىك يەرمەنكىسى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدە توختالدى.

چىپراس تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا يېقىنقى يىللاردا كۆرۈلگەن زىددىيەتنىڭ ئوخشىشى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئالېكىس چىپراس باياناتلاردىكى جىددىيلىكنىڭ مەيدانلارغىمۇ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىر ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،  ھەر بىر گىرېتسىيە پۇقراسىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭمۇ باش مىنىستىر كىرياكوس مىچوتاكىستىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداشتا تۈركىيە بىلەن بولغان دىيالوگ يولىنى ئوچۇق تۇتۇشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ دىيالوگ كەمچىللىكى سەۋەبىدىن تاسادىپىي جىددىيلىكنىڭ  يۈز بېرىشىنىڭ خالانمايدىغان ھادىسىلەرگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ھازىرغىچە ئالاقە قاناللىرىنىڭ بولماسلىقى مېنى يىرىك باياناتلاردىنمۇ بەك  ئەندىشىگە سالماقتا» دېدى.

ئالېكىس چىپراس ئۆز دۆلىتىنىڭ قوراللىنىش پروگراممىسى دائىرىسىدە ئۈچىنچى دۆلەتلەر بىلەن تۈزگەن كېلىشىملىرىنىڭ گىرېتسىيە مۇداپىئە سانائىتىگە تۆھپە قوشمىغانلىقىنى تەكىتلەپ ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر