شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى سەمەرقەنتتە باشلاندى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 22 – نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى ئۆزبېكىستاننىڭ تارىخىي سەمەرقەنت شەھىرىدە باشلاندى.

1880790
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى سەمەرقەنتتە باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋنىڭ ساھىبخانىلىقىدا باشلانغان باشلىقلار يىغىنىغا، تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ، تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئىمامئەلى راخمان، پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف، ھىندىستان باش مىنىستىرى ناراندرا مودى؛ كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكو، موڭغۇلىيە پىرېزىدېنتى ئۇقنائاگىن قۇرېلسۇق، ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى؛ تەكلىپكە بىنائەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوۋ ۋە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ قاتناشماقتا.

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا رۇسىيە، خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، پاكىستان ۋە ھىندىستان رەھبەرلىرىنى يىغىن زالىدا قارشى ئالدى. ئاندىن رەھبەرلەر، باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

ئالدى بىلەن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا باشلانغان يىغىندا، مىرزىيويېۋ، ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلەپ، يىغىن كۈنتەرتىپى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سەمەرقەنت باشلىقلار يىغىنىدا، تەشكىلات پائالىيەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى، رايونلۇق سودا ھەجمىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى، سانائەت ۋە قاتناش ساھەلىرىدە ئۆزئارا ھەمكارلىقنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشى، ھەمدە يېشىل ئىقتىساد، يېڭىلىق يارىتىش، دىگىتال تېخنولوگىيەلەر، ئەشيا ئوبوروتى، يېزا ئىگىلىك، تېبابەتچىلىك ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئورتاق لايىھە ھەم پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 غا يېقىن ھۆججەتنىڭ ماقۇللىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا، سەمەرقەنت خىتابنامىسى ئىمزالىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر