زېلېنىسكېي: 400 ئولتۇراق رايونىنى ئازاد قىلدۇق

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي تەخمىنەن 400 ئولتۇراق رايوننىڭ رۇسىيە ئارمىيەسىدىن ئازاد قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1880467
زېلېنىسكېي: 400 ئولتۇراق رايونىنى ئازاد قىلدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىلادىمىر زېلېنسكىي تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ خاركىۋ رايونىدىكى زىيارىتىنى تاماملىغانلىقىنى، رايوننىڭ رۇسلاردىن ئاساسەن دېگۈدەك ئازاد قىلىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇكرائىنالىقلار يەنە بىر قېتىم نۇرغۇن كىشىلەر مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارىغان ئىشلاردىن بىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولدى. ھەربىي ھەرىكەتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئەسكەرلىرىمىز 19 كىلومېتىر ئىلگىرىلىدى. بەش كۈن داۋاملاشقان توقۇنۇشلار جەريانىدا 110 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. ئومۇمىي جەھەتتىن تەخمىنەن 400 ئولتۇراق رايون ئىشغالدىن ئازاد قىلىندى. رايوندا تۇرۇۋاتقان 150 مىڭ ئۇكرائىنالىق ھازىر نورمال ۋە بىخەتەر تۇرمۇشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدى» دېدى.

ئۇكرائىنا ۋە چەت ئەللىك ژۇرنالىستلارنىڭ ئازاد قىلىنغان رايونلارغا بارسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن زېلېنسكىي: «دۇنيا بۇ بۇزغۇنچىلىقنى كۆرۈپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنالىقلارغا يەتكۈزگەن كۈلپەتلىرىنى ھېس قىلىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كرىۋىي رىخ شەھىرىدىكى كاراچۇنىۋىسكې توسمىسىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، توسمىنىڭ ھەربىي قىممىتى يوقلۇقىنى، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ بۇ ھۇجۇم ئارقىلىق پۇقرالارنى زەربە ئوبيېكتى قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيە ئارمىيەسى 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر