ئىراندا 5.1 بال يەر تەۋرىدى
ئىراننىڭ ئافغانىستان چېگراسىدىكى جەنۇبىي خوراسان ۋىلايىتىدە 5.1 بال يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى.
1879175
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ «تاسنىم» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ دۆلەتنىڭ ئافغانىستان چېگراسىدىكى جەنۇبىي خوراسان ۋىلايىتىدە، شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 04.07 دە، 8 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا 5.1 بال يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى ۋە ماددىي زىيان كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.