ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە 73 پەلەستىنلىك مەھبۇس  «داۋالاش سەۋەنلىكى» سەۋەبىدىن قازا قىلدى

ئىسرائىلىيەدە 1967-يىلدىن بۇيان تۈرمىلەردە قازا قىلغان 231 پەلەستىنلىكتىن 73 ىنىڭ «داۋالاش سەۋەنلىكى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

1878423
ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە 73 پەلەستىنلىك مەھبۇس  «داۋالاش سەۋەنلىكى» سەۋەبىدىن قازا قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن مەھبۇسلار جەمئىيىتىنىڭ يازما باياناتىدا، 1967-يىلدىن بۇيان 231 پەلەستىنلىكنىڭ ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، داۋالاشقا سەل قاراش سىياسىتى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىك مەھبۇسلار سانىنىڭ 73 ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ تۈرمىلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان 9 پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتىنى تېخىچە تۇتۇپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، ھازىر ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان تەخمىنەن 600 كېسەل مەھبۇسنىڭ قىيىن شارائىتقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، بۇ مەھبۇسلاردىن تەخمىنەن 200 نەپىرىنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقى، 23 نەپىرىنىڭ ھەر خىل سەۋىيەدىكى ئۆسمە ۋە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر