ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئالەمدىن ئۆتتى
ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى 2 – ئېلىزابېت 96 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئايال پادىشاھ ئېلىزابېتنىڭ، شوتلاندىيەدىكى بالمورال قەلئەسىدە ۋاپات بولغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئايال پادىشاھ ئېلىزابېت، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن بالمورال قەلئەسىدە ھۇزۇر ئىچىدە ئالەمدىن ئۆتتى.»
ئايال پادىشاھ ئېلىزابېتنىڭ مېيىتىنىڭ بۈگۈن پايتەخت لوندونغا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
1926 – يىلى 21 – ئاپرېل كۈنى لوندوندا دۇنياغا كەلگەن ئېلىزابېت، 1952 – يىلى 6 – فېۋرال كۈنى دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئايال پادىشاھ بولغان، 1953 – يىلى 2 – ئىيۇن كۈنى رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق تاج كىيگەنىدى.
ئۇ، ئۇدا 70 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، «ئەنگلىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن تەختتە ئولتۇرغان ھۆكۈمدار» ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئايال پادىشاھ 2 – ئېلىزابېتنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، 73 ياشلىق ئوغلى چارلېس تەختكە ئولتۇرۇپ، ئەنگلىيە پادىشاھى بولدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سەئۇدى ئەرەبىستان 6 ئىران مۇخبىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
سسەئۇدى ئەرەبىستان ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ 6 مۇخبىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى.