مىسىردا مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى بايقالدى

مىسىر سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ فەيسبۇك بېتىدە، مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ۋەقەنىڭ بايقالغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىندى.

1877387
مىسىردا مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر سەھىيە مىنىستىرلىقى فەيسبۇكتا بايانات ئېلان قىلىپ، بىر پۇقرادا مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسىنىڭ بايقالغانلىقىنى ۋە ئۇ كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا كارانتىن ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا يەنە، ياۋروپادىكى بىر دۆلەتتە تۇرۇش رۇخسىتى بار بولغان 42 ياشلىق مىسىر پۇقراسىنىڭ، پات-پات ئۇ دۆلەتكە بېرىپ تۇرىدىغانلىقى، سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ۋە ئۇچراشقان كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىك زۆرۈر تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى كونگو ۋە غەربىي ئافرىقا تۈرى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. بۇ ۋىرۇس ئادەتتە ھايۋاندىن ئادەمگە يۇقىدىغان بولۇپ، ۋە يېقىن ئالاقىلەردە ئادەمدىن ئادەمگە ناھايىتى ئاز يۇقىدۇ. بەدەندە يۇقىرى قىزىتما ۋە قىچىشىش قاپارتقۇلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر