نىگېرىيەدە مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار 200دىن ئېشىپ كەتتى

غەربىي ئافرىقاغا جايلاشقان نىگېرىيەدە مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر كۆپەيمەكتە.

1875741
نىگېرىيەدە مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار 200دىن ئېشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە كېسەللىكنى كونترول قىلىش مەركىزى مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، بىر ھەپتىدە 48 كىشىدە مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسىنىڭ بايقالغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن، دۆلەت ئىچىدە ۋىرۇس بايقالغان كىشى سانىنىڭ جەمئىي 220 گە چىققانلىقى قەيت قىلىندى.

بۈگۈنگىچە ۋىرۇس سەۋەبىدىن تۆت كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، پايتەخت ئابۇجادىن باشقا، 29 ئىشتاتتىمۇ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى كونگو ۋە غەربىي ئافرىقا تۈرى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. بۇ ۋىرۇس ئادەتتە ھايۋاندىن ئادەمگە يۇقىدىغان بولۇپ، ۋە يېقىن ئالاقىلەردە ئادەمدىن ئادەمگە ناھايىتى ئاز يۇقىدۇ. بەدەندە يۇقىرى قىزىتما ۋە قىچىشىش قاپارتقۇلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر