خىتاينىڭ غەربىدىكى سىچۈەن ئۆلكىسىدە 6.8 بال يەر تەۋرىدى

خىتاي يەر تەۋرەش تورلىرى مەركىزى چۈشتە سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىدىكى گەنزى تىبەت ئاپتونوم رايونىدا 6.8 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1875659
خىتاينىڭ غەربىدىكى سىچۈەن ئۆلكىسىدە 6.8 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەر يۈزىدىن 16 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا خاتىرىلەنگەن يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ لۇدىڭ نەھىيەسىدىن 39 كىلومېتىر كېلىدىغانلىقى بېكىتىلدى.

رايونغا ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ئەۋەتىلدى.

يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ بار ياكى يوقلۇقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

رايوندىكى ئاھالىلەر تارقاتقان سىن كۆرۈنۈشلىرىدە بولسا، يەر تەۋرەشنىڭ ئېغىر تەۋرىنىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى كۆرۈنىدۇ.

بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ ئېغىر ۋەيرانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر