ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى: خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشۈشۈم مۇمكىن

ياپونىيە تاشقى ئىشلار  ۋەزىرى خاياشى يوشىماسا مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى (2022-يىلى سېنتەبىر) چاقىرىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشۈش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

1875036
ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى: خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشۈشۈم مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى خاياشى، كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھەيئىتىنىڭ ئالدىنقى ئايدىكى تەيۋەن زىيارىتىدىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ، كۈتۈلمىگەندە ئالدىن پىلانلانغان ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلىرىنى  بىكار قىلىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 21 – 27 – سېنتەبىر كۈنلىرى چاقىرىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشۈشۈم مۇمكىن. بىز ھەردائىم ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىش تەرەپدارىمىز. دەرۋەقە، مەن تۈرلۈك سەۋىيەلەردىكى دىيالوگنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشىنىمەن.»

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2022 – يىلى سېنتەبىر ئېيى، ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشىنىڭ 50 – يىللىقىغا توغرا كېلىدىكەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسى پېلوسى خانىم باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاۋغۇستنىڭ باشلىرىدا (2022) تەيۋەندە زىيارەتتە بولغانىدى.

پېلوسى خانىم، خىتاي بىلەن ئىگىلىك ھوقۇق ئىختىلاپى ئىچىدىكى «تەيۋەن ئارىلى» نى ئارىدىن 25 يىل ئۆتكەندىن كېيىن زىيارەت قىلغان تۇنجى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى بولغانىدى.

«تەيۋەن ئارىلى» نى تېررىتورىيەسىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى دەپ قارايدىغان خىتاينىڭ نارازىلىق قوزغىغان زىيارەتتىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، كۈتۈلمىگەندە ياپونىيە تاشقى ئىشلار  ۋەزىرى خاياشى يوشىماسا بىلەن كامبودژادا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان پىلانلىق ئۇچرىشىشنى بىكار قىلغانىدى.

ئىككى قوشنا دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم، 2020 – يىلى نويابىر ئېيىدا بىر يەرگە جەم بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر