ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئامېرىكانىڭ ئورېگون ئىشىتاتىغا قاراشلىق بېند شەھىرىدىكى بىر سودا سارىيىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، كەم دېگەندە ئۈچ ئادەم قازا قىلدى.

1873310
ئامېرىكادا  قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: CNN نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ساقچى تارماقلىرى، مەزكۇر قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە جىنايەت گۇماندارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمچى باشتا ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا ئەتراپقا ئوق چىقىرىپ، بىر ئادەمنى ئېتىۋەتكەن، يارىدار ھالەتتە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ كىشى داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. ھۇجۇمچى ئوق چىقىرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، بىر دۇكانغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇ يەردىكى باشقا بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەن.

دائىرىلەر، دۇكاندا قازا قىلغان ئۈچىنچى كىشىنىڭ ھۇجۇمچى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقەنى تەكشۈرۈشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر