رۇسىيە ۋە فىرانسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېباستىيان لېكورنۇ بىلەن زاپوروژيا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا سۆزلەشتى.

1872341
رۇسىيە ۋە فىرانسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، فىرانسىيە تەرەپنىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن سېرگېي شويگۇ بىلەن سېباستىيان لېكورنۇنىڭ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئۇكرائىنادىكى زاپوروژيا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

 باياناتتا: «شويگۇ ئۇكرائىنا قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ بىخەتەر مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرىكەتلىرىگە باھا بەردى. خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى خىزمەتچىلىرىنىڭ زاپورىژيا ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى زىيارەت قىلىشىنىڭ مۇھىملىقى  ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە (موسكۋانىڭ) ئورگاننىڭ تەكشۈرگۈچىلىرىگە زۆرۈر ياردەملەرنى بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر