پاكىستاننىڭ سىند ئۆلكىسىدە شىددەتلىك يامغۇر 15 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدى

پاكىستان دۆلەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، سىند ئۆلكىسىنىڭ سۇككۇر، شىكارپۇر ۋە باشقا بىر قىسىم رايونلىرىغا شىددەتلىك يامغۇر ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، تۇرمۇشنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان.

1871628
پاكىستاننىڭ سىند ئۆلكىسىدە شىددەتلىك يامغۇر 15 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆلكە مىقياسىدا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆيلەرنىڭ ئاستىدا قېلىپ، 15 كىشى قازا قىلغان.

ئالاقىدار تارماقلار 900 مىڭ كىشىنىڭ يامغۇرنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ۋە 26 مىڭ 600 ئۆينىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئالاقىدار تارماقلار قۇرۇلغان ياردەم چېدىرلىرىدا 37 مىڭ 500 كىشىنىڭ پاناھلىنىۋاتقانلىقىنى  ھەمدە 800 كالىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلاۋال بۇتتو زەردارى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر