مېكسىكادا 5 ياشلىق بىر قىز ئامېرىكاغا قانۇنسىز ئۆتۈش جەريانىدا  قازا قىلدى

مېكسىكانىڭ سىيۇداد جۇئارېز شەھىرىدە، 5 ياشلىق كۆچمەن بىر قىز ئامېرىكاغا ئۆتمەكچى بولۇش جەريانىدا قازا قىلدى.

1871372
مېكسىكادا 5 ياشلىق بىر قىز ئامېرىكاغا قانۇنسىز ئۆتۈش جەريانىدا  قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسلى گۋاتېمالالىق 28 ياشلىق سىلۋىيا گارسىيا دېل كارمېن ۋە ئۇنىڭ 5 ياشلىق قىزى مارگارېت سوفىيە رىئو گراندې دەرياسى ئارقىلىق قانۇنسىز ھالدا ئامېرىكاغا ئۆتمەكچى بولۇش جەريانىدا سۇدا ئېقىپ كەتتى.

ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ۋە دائىرىلەر ئانىنى قۇتۇلدۇرالىدى، ئەمما قىزى سۇدا نەپەسسىز قىلىپ جان ئۇزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر