«نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» دەدەئاغاچنىڭ ئامېرىكانىڭ قورال مەركىزى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

ئامېرىكانىڭ «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى، گرېتسىيەنىڭ دەدەئاغاچ شەھىرىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قورال مەركىزى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

1870890
«نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» دەدەئاغاچنىڭ ئامېرىكانىڭ قورال مەركىزى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرىكى چاغلارغىچە ئاساسەن دېگۈدەك پەقەتلا ئىشلىتىلىپ باقمىغان پورت، ئامېرىكانىڭ شەرقىي ياۋروپادىكى مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىش قەدەملىرى بىلەن بىرلىكتە «مەركىزىي رول»نى ئۈستىگە ئالغان.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى — پېنتاگون (بەشبۇرجەكلىك بىنا)، «رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى»نى باھانە قىلىپ، رايونغا غايەت زور مىقداردا قورال ئەۋەتكەن.

بۇ قەدەملەرنىڭ تۈركىيەنىڭ نارازىلىقىنى پەيدا قىلغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن خەۋەردە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ گرېتسىيەدىكى مەزكۇر ئامېرىكا ھەربىي قاراۋۇلخانىلىرىنىڭ كىمگە قارشى قۇرۇلغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالى خاتىرىلىتىپ ئۆتۈلگەن.

ئامېرىكانىڭ دەدەئاغاچ ئارقىلىق يۆتكىگەن ھەربىي ماتېرىياللىرىنىڭ مىقدارى بۇلتۇر 14 ھەسسە ئېشىپ، 3100 «پارچە»غا يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر