ھىندىستاندا «پەمىدۇر زۇكىمى» ناملىق يېڭى بىر ۋىرۇس تارقىلىشقا باشلىدى

ھىندىستاننىڭ كەرالا ۋە ئودىشا ئۆلكىلىرىدە 82 كىچىك بالىدا «پەمىدۇر زۇكىمى» بايقالدى.

1870782
ھىندىستاندا «پەمىدۇر زۇكىمى» ناملىق يېڭى بىر ۋىرۇس تارقىلىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «لانسېت» ژۇرنىلى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، بۇ يۇقۇملىنىشلارنىڭ تۇنجى قېتىم كەرالا ئۆلكىسىگە قاراشلىق كوللام شەھىرىدە كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا ۋىرۇسنىڭ ئۆلكىگە قاراشلىق ئانچال، ئارىيانكاۋۇ ۋە نېدۇۋاتۇر رايونلىرىدا 5 ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا كۆرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، يۇقۇملىنىش ئودىشا ئۆلكىسىدىمۇ 1 ياشتىن 9 ياشقىچە بولغان 26 كىچىك بالىدا بايقالغان ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 82 كە يەتكەن.

مۇتەخەسسىسلەر ۋىرۇسنىڭ ناھايىتى ئاسان تارقىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

ۋىرۇسنىڭ «پەمىدۇر زۇكىمى» دېگەن نامى تېرىدە پەيدا بولىدىغان قىزىل قاپارتمىلاردىن ئېلىنغان بولۇپ،  قىزىرىش، يۇقىرى دەرىجىلىك قىزىتما ۋە بوغۇم ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

بۇ ۋىرۇسقا تېخىچە داۋالاش چارىسى تېپىلمىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر