ياۋروپا ئىتتىپاقى: تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ قارارىدىن خۇرسەنمىز

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا باش ئەلچى تەيىنلەش قارارىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1869625
ياۋروپا ئىتتىپاقى: تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ قارارىدىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ كېڭىيىش ۋە قوشنىدارچىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى ئولىۋېر ۋارخېلى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، تۈركىيە - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ قايتىدىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش توغرىسىدىكى باياناتىدىن خۇرسەنمىز. جۈملىدىن، تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا باش ئەلچى تەيىنلەش قارارىدىن ئىنتايىن خۇشالمىز. بۇ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش، رايوندا مۇقىملىق ئورنىتىش ۋە پاراۋانلىقىنى ئاشۇرۇش جەھەتتىن يېڭى بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى، يېڭى ھەمكارلىق زېمىنى ھازىرلاش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر