كابۇلدا بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا تۈنۈگۈن كەچتە ناماز شام ئەسناسىدا بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 21 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1869519
كابۇلدا بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كابۇل ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى خالىد زادران، «‹Tolo TV› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، «سادىقىيە جامەسى» دە تۈنۈگۈن كەچتە ناماز شام ئەسناسىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاش نەتىجىسىدە 21 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 33 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.

تالىبان باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ ۋەقەنى ئەيىبلىدى ۋە جاۋابكارلارنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېپىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ، مەزكۇر تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە باياناتى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر