فىنلاندىيە رۇسىيە پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىش نىسبىتىنى %90 ئازايتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

فىنلاندىيە رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش سەۋەبىدىن رۇسىيە پۇقرالىرىغا بېرىلىدىغان ۋىزا سانىنى %90 ئازايتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1868936
فىنلاندىيە رۇسىيە پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىش نىسبىتىنى %90 ئازايتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: <Politico> گېزىىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېككا ھاۋىستو سېنتەبىردىن باشلاپ رۇسىيە ساياھەتچىلىرىنىڭ پەقەت %10 نىڭلا ۋىزا ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بۇ قارارغا بىنەئەن رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ ھەر كۈنى كۈنى سۇنۇۋاتقان 1000 ۋىزا ئىلتىماسىنىڭ 100 ىگە ۋىزا بېرىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ژۇرنالىستلار ۋە ئۆكتىچىلەرگە ياكى پائالىيەتچىلەر قاتارلىق بىر قىسىم گۇرۇپپىلارغا ۋىزا مەسىلىسىدە ئىمتىيازلىق مۇئامىلە قىلىنىدۇ، دەپ قارالماقتا.

فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېككا ھاۋىستو بۇ پروگرامما ھەققىدە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

چېخ، لىتۋا، ئېستونىيە، لاتۋىيە ۋە پولشا رۇسىيەگە قارىتىلغان بېسىمنى كۈچەيتىش ئۈچۈن رۇسىيە پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىشنى توختاتتى ئەمما گېرمانىيە بۇنداق قىلىشنى رەت قىلماقتا.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، رۇسىيەگە ساياھەت چەكلىمىسى قويۇشنىڭ كۆزلىگەن جازاغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بۇ رۇسىيە خەلقىنىڭ ئۇرۇشى ئەمەس، (پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر) پۇتىننىڭ ئۇرۇشى» دېدى.

روسىيە قىسىملىرى 24-فېۋرالدا ئۇكرائىناغا ھۇجۇم باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر