پاكىستاندا نېفىت ئاپتوموبىلى بىلەن ئاپتوبۇس سوقۇلۇپ كەتتى
پاكىستاننىڭ باھاۋالپۇر شەھىرىگە يېقىن جايدا نېفىت ئاپتوموبىلى بىلەن ئاپتوبۇس سوقۇلۇپ كېتىپ، 20 ئادەم قازا قىلدى، 6 ئادەم يارىلاندى.
1868270
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لاھوردىن كاراچىغا قاراپ كېتىۋاتقان يولۇچىلار ئاپتوبۇسى، باھاۋالپۇر شەھىرىگە يېقىن جايدا، شوپۇرنىڭ كونتروللۇقىنى يوقىتىپ قويۇشىدىن كېيىن، نېفىت ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن.
قازادا 20 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 6 ئادەم يارىلانغان.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، رايونغا كۆپ ساندا ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى ۋە قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى ئەۋەتىلگەن.