ياپونىيەدىكى قاتتىق ئىسسىق 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ياپونىيەدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن 1 ھەپتە ئىچىدە 5 كىشى قازا قىلدى.

1865917
ياپونىيەدىكى قاتتىق ئىسسىق 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە ئىچكى ئىشلار ۋە خەۋەرلىشىش مىنىستىرلىقىنىڭ ئاپەتنى باشقۇرۇش ئورگىنى 7 - ئاۋغۇستقىچە بولغان بىر ھەپتە ئىچىدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن 5 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ جەرياندا  65 ياشتىن يۇقىرى 3 مىڭ 982 كىشىنى قوشقاندا، جەمئىي 7 مىڭ 218 كىشى ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشكە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى سەۋەبىدىن بالنېستقا ئېلىندى.

مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى (JMA) كېلەر ھەپتەغىچە قاتتىق ئىسسىقنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تېرمومېتىر پايتەخت توكيوغا يېقىن سايتاما ئۆلكىسىدە 38 گرادۇسنى كۆرسەتتى.

توكيو ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى باشقا رايونلاردا تېمپېراتۇرا 34 گرادۇستىن ئاشتى.

مۇتەخەسسىسلەر ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشكە ئالاقىدار ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى تەكرارلاپ،  زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا سىرتقا چىقماسلىق، ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلىتىش ۋە سۇنى كۆپ ئىستېمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر