پېسكوۋ: رۇسىيە - ئۇكرائىنا سۆھبەتلىرىدە تۈركىيە مۇھىم رول ئوينىدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ پايتەخت موسكۋادا بايانات بېرىپ، 24 - فېۋرالدىن بۇيان ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۇكرائىنا بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەردە تۈركىيەنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈدى.

1865185
پېسكوۋ: رۇسىيە - ئۇكرائىنا سۆھبەتلىرىدە تۈركىيە مۇھىم رول ئوينىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېسكوۋ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىينىڭ ئىستانبۇلدا ئۇچرىشىشى توغرىسىدىكى تەكلىپى توغرىسىدا توختىلىپ: «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ۋەكىللىرىنىڭ سۆھبەتلىرىگە ناھايىتى ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىشتە ئوينىغان رولىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تىنچلىق مۇساپىسىنى باشلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئەمما، ئۇكرائىنا ۋەكىللىرى گويا راداردىن يوقاپ كەتكەندەكلا بولۇپ قالدى. نۆۋەتتە ھېچقانداق سۆھبەت يوق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى كۈچىيىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان مىللىي پۇللارنى ئىشلىتىپ سودا قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان پېسكوۋ، دوللارنىڭ ئىشەنچلىك زاپاس پۇل ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ دوللارنىڭ سودىدىكى ئۈلۈشىنى ئازايتىپ، مىللىي پۇلىنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇشقا يۈزلەنگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «بۇ ئىش تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدىمۇ يۈز بېرىۋاتىدۇ. تەبىئىي گاز تەمىناتىمىزنىڭ پۇلىنىڭ بىر قىسمىنى رۇبلىدا تۆلەش توغرىسىدا مۇھىم بىر كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق. بىز مىللىي پۇل بىرلىكلىرىمىزنىڭ ئۈلۈشىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىۋاتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر