ھىندىستاندا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 15 ياشلىق بىر كىچىك بالا قازا قىلدى

ھىندىستاننىڭ ھىماچال پرادېش ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 15 ياشلىق بىر كىچىك بالا قازا قىلىپ ئىككى كىشى يارىلاندى.

1865121
ھىندىستاندا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 15 ياشلىق بىر كىچىك بالا قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىماچال پرادېش ئۆلكىسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان چامبا رايونىدا قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى.

ئاپەتتە  نۇرغۇن بىنالار بۇزۇلدى ۋە 15 ياشلىق بىر كىچىك بالا ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 2 كىشى يارىلاندى.

كەلكۈن سەۋەبىدىن رايوندىكى كىشىلەر بىخەتەر رايونلارغا تارقاقلاشتۇرۇلدى.

كەلكۈن سەۋەبىدىن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ يول تاقىلىپ قالدى.

تاقىلىپ قالغان يول تۇرتۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول تازىلاش خىزمىتىدىن كېيىن قاتناشقا ئېچىۋېتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر