تەيۋەن نەنسى پېلوسى خانىمغا تەشەككۈر ئېيتتى

تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ زىيارىتىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1862958
تەيۋەن نەنسى پېلوسى خانىمغا تەشەككۈر ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتىنىڭ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى سەۋىيەلەرگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بارلىق مۇنبەرلەردە ئىزچىل ھالدا تەيۋەننى قوللىغان نەنسى پېلوسى خانىمغا تەشەككۈر ئېيتتى.

باياناتتا، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ بىر-بىرىگە خەلقئارالىق شېرىكچىلىك مۇناسىۋەتتە ئۆزئارا پايدا يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقلار ئۈچۈن كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى، 25 يىل ئىلگىرى تەيۋەننى زىيارەت قىلغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نىيۇت گىنگرىچنىڭ (Newt Gingrich) ئارقىسىدىن نەنسى پېلوسى ئەمەلگە ئاشۇرغان مەزكۇر زىيارەتنىڭ ئىككى تەرەپ ئۈچۈن چوڭ قەدەم ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

نەنسى پېلوسى خانىم تۈنۈگۈن كەچتە (2-ئاۋغۇست) تەيۋەنگە يېتىپ باردى ۋە بۈگۈن ئەتىگەن (3-ئاۋغۇست) تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بىلەن كۆرۈشتى.

تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن نەنسى پېلوسى خانىمغا ئۆزلىرىنى قوللىغانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتىپ، خىتاينىڭ ھەربىي تەھدىتلىرىدىن كەينىگە چېكىنمەيدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

نەنسى پېلوسى خانىم بولسا، تەيۋەننى ھەر قاچان قوللايدىغانلىقلىرىنى، ئامېرىكانىڭ «بىر خىتاي سىياسىتى» غا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، بىراق تەيۋەننى قوللاشنىڭ ئىلگىرىكىدىنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر