ستولتېنبېرگ ناتو ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئۇكرائىناغا تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ تېز ياردەم بېرىشكە چاقىردى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، ناتو ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1862753
ستولتېنبېرگ ناتو ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئۇكرائىناغا  تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ تېز ياردەم بېرىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستولتېنبېرگ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا بايانات بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي بىلەن ئۇكرائىنانى ھەربىي جەھەتتىن قوللاشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى توغرىسىدا تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ: «ناتو ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ تېز ياردەم بېرىشى ناھايىتى مۇھىم» دېگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى قارادېڭىز ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا يۆتكەش تىرىشچانلىقى دائىرىسىدە، ئۇكرائىنانىڭ ئودېسسا پورتىدىكى بىر ئاشلىق قاچىلانغان سودا پاراخوتىنىڭ تۇنجى بولۇپ يولغا چىقىشى توغرىسىدىمۇ سۆزلەشكەنلىكلىرىگە ئىشارەت قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ۋە ئىتتىپاقداش تۈركىيە مۇرەسسە قىلغان كېلىشىمنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر