گۇتېررېس دۇنيا ئەللىرىنى كۈچىيىپ كېتىۋاتقان يادرو قوراللىرى خەۋپى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس، دۇنيا مىقياسىدا كۈچىيىۋاتقان يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىش خەۋپى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

1862552
گۇتېررېس دۇنيا ئەللىرىنى كۈچىيىپ كېتىۋاتقان يادرو قوراللىرى خەۋپى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش شەرتنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى مەزمۇن قىلغان 10-قېتىملىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش نۇتۇقىنى سۆزلىگەن ئانتونىيو گۇتېررېس، دۇنيادا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان يادرو قوراللىرى خەۋپىنى تىلغا ئېلىپ، يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىش خەۋپى كۈچىيىپ كەتكەچكە، سۈركىلىشلەرنى پەسەيتىش كۈچىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە كورېيە يېرىم ئارىلىدىن تارتىپ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىغىچە بولغان يادرو كىرىزىسلىرى كۈچىيىپ كەتكەن بىر پەيتتە يۈز بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سىياسىي جۇغراپىيەلىك جىددىيچىلىكلەر يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، رىقابەت ھەمكارلىقلارنى بوغۇپ قويغان بولغاچقا، دىيالوگنىڭ ئورنىنى ئىشەنچسىزلىك، قورالسىزلىنىشنىڭ ئورنىنى پارچىلىنىش ئىگىلىمەكتە» دېگەن باش كاتىپ ئانتونىئو گۇتېررېس، دۇنيانىڭ نۆۋەتتە ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتقا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك شەكىلدە يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش شەرتنامىسىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

گۇتېررېس ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى (1939-1945) مەزگىلىدە ياپونىيەنىڭ خىروشىما ۋە ناگاساكى شەھەرلىرىگە تاشلانغان ئاتوم بومبىلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەندىن كېيىن، نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدىكى قورال ئىسكىلاتلىرىدا تەخمىنەن 13000 يادرو قورالى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئىنسانىيەت خىروشىما ۋە ناگاساكىنىڭ دەھشەتلىك ئوت ئاپەتلىرىدىن ئالغان تەجرىبە - ساۋاقلارنى ئۇنتۇپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە» دېدى.

ئۇ، يادرو ئۇرۇشىنىڭ خەتىرىنى ئازايتىپ، قورالسىزلىنىش سۈرئىتىنى تېزلىتىدىغان ئەمەلىي چارە - تەدبىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، يادرو تېخنىكىسىنى پەقەت تىنچلىق ئۈچۈنلا ئىشلىتىشنى تەشۋىق قىلىپ، بۇ مەقسەتتە كۆپ تەرەپلىك كېلىشىملەرنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر