ياۋروپا ئۇكرائىنانى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىناغا 1 مىليارد ياۋرو ماكرو ئىقتىسادىي ياردەم قىلدى.

1862143
ياۋروپا ئۇكرائىنانى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا فوندېرلېيېن تۋىتتېر ئادرېسىدا، ئۇكرائىنا ئىقتىسادىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن تەييارلانغان ماكرو ئىقتىسادىي ياردەم پىلانى توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

ئۇ: «ئۇكرائىناغا 500 مىليون ياۋرو قوشۇمچە ماكرو ئىقتىسادىي ياردەم قىلدۇق. ئەتە ئۇكرائىناغا 500 مىليون ياۋرو ئەۋەتىلىدۇ. بۇ 1 مىليارد ياۋرو ئۇكرائىنانىڭ مۇھىم پۇل-مۇئامىلە ئېھتىياجىنى قامداشقا ۋە دۆلەتنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق» دېدى.

ئۇرسۇلا فوندېرلېيېن ئىيۇن ئېيىدا (2022) ئۇكرائىناغا يېڭى ياردەم پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ دائىرىدە 2022-يىلى 9 مىليارد ياۋروغىچە ئىقتىسادىي ياردەم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلغان ئىدى. مەزكۇر ياردەم بىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى باشلانغاندىن تارتىپ ئۇكرائىناغا قىلغان ماكرو ئىقتىسادىي ياردىمى جەمئىي 2.2 مىليارد ياۋروغا يەتكەن بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر