سومالىدا خولېرا يۇقۇمى يۇقىرى پەللىگە چىقتى

سومالىدا بۇ يىلنىڭ (2022) دەسلەپكى يېرىمىدا 37 كىشىنىڭ خولېرا كېسىلى بىلەن جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1861908
سومالىدا خولېرا يۇقۇمى يۇقىرى پەللىگە چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خولېرا كېسەللىكى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا، 2022-يىلى يانۋار ئېيىدىن ئىيۇن ئېيىغىچە 8 مىڭ 41 كىشىنىڭ خولېرا بىلەن يۇقۇملانغالىقى ۋە 37 كىشىنىڭ بۇ كېسەللىك سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا، بۇ يىل (2022) خولېرا بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ تەخمىنەن %54 نىڭ ئىككى ياشتىن كىچىك بالىلار ئىكەنلىكى، %49 نىڭ ئاياللار ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«سومالى نوپۇسىنىڭ %52 ياخشىلانغان پاكىزە سۇغا ياكى بىخەتەر ھالدا تەمىنلەنگەن پاكىزە سۇغا ئېرىشەلەيدۇ. كۆرۈلگەن قۇرغاقچىلىق سەۋەبىدىن، سۇ يېتىشمەسلىكنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىشى بىلەن، كىشىلەر سۇ ئارقىلىق يۇقىدىغان كېسەللىكلەردىن قوغدىنىش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا.»

سومالى ھۆكۈمىتى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۆتكەن ئاي (2022-يىلى ئىيۇن) 4 مىڭ 984 سەھىيە خىزمەتچىسىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەپ، 934 مىڭ 511 كىشى ئىچىدىن بىر ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى 897 مىڭ 86 كىشىگە ۋاكسىنا ئەملىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر