ماكرون بىلەن سالمان پارىژدا ئۇچراشتى

سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سالمان بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئۇچراشتى.

1861445
ماكرون بىلەن سالمان پارىژدا ئۇچراشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سالمان بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا كۆرۈشۈپ، يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ماكرون بىلەن بىن سالماننىڭ ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچەيتىلىشىنى خالايدىغانلىقلىرىنى، ھەمدە كىلىمات كىرىزىسى قاتارلىق دۇنياۋى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرگە قارشى تۇرۇش كۈرىشى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەنلىكلىرىنى، بۇنىڭدىن باشقا، يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە ئىران يادرو كېلىشىمى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىمۇ سۆزلەشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا يەنە، ماكروننىڭ، نۇقتىلىق ھالدا ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رۇسىيە گازىغا بېقىنىپ قېلىشنى ئازايتىشنىڭ پېيىغا چۈشكەن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ «سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئېنېرگىيە بازىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش تەشەببۇسىنى قوللايدىغانلىقى»نى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر