شىمالىي كورېيە يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىش توغرۇلۇق تەھدىت سالدى

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن دۆلىتىنىڭ يادرو ئۇرۇشىنى توسۇش ھەرىكىتىگە تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

1860492
شىمالىي كورېيە يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىش توغرۇلۇق تەھدىت سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە دۆلەتلىك ئاخبارات ئاگېنتلىقى (KCNA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە،  كىم جوڭئۇن، «كورېيە ئۇرۇشى» ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 69 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، دۆلىتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان ھەرقانداق شەكىلدىكى ھەربىي توقۇنۇشقا تولۇق تەييار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ بايانات، شىمالىي كورېيەنىڭ يەتتىنچى قېتىملىق يادرو سىنىقىغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئالدىنقى ئايدا، پىيوڭياڭنىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرغانىدى.

شىمالىي كورېيە، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2017 – يىلى يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن كورېىيە يېرىم ئارىلىدا سۈركىلىش قايتىدىن كەسكىنلەشمەكتە.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ شىمالىي كورېيە ئالاھىدە ۋەكىلى سۇڭ كىم، شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ يىل مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان كۆپ ساندا يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىيۇن ئېيىدا، جەنۇبىي كورېيەمۇ 8 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئارقىلىق، شىمالىي كورېيەگە جاۋاب قايتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر