ئافغانىستاننىڭ 10 ۋىلايىتىدە سۇ ئاپىتى يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ 10 ۋىلايىتىدە ھەپتە ئاخىرى يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 23 كە چىقتى.

1858957
ئافغانىستاننىڭ 10 ۋىلايىتىدە سۇ ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش مىنىستىرلقىنىڭ باياناتچىسى مەۋلەۋى مۇھەممەد نەسىم ھەققانى ئاساسلىقى دۆلەتنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ۋىلايەتلەرگە تەسىر قىلغان سەل سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەيدان ۋارداق، پاكتىكا، نانگەرھار، نۇرىستان، پەرۋان، پەنچشىر ۋە پاكتىيا قاتارلىق 10 ۋىلايەتتە توختىماي ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن پەيدا بولغان سۇ ئاپىتىدە 23 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، 20 دىن كۆپ كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى، 2 مىڭ 500 دىن ئارتۇق ئۆينىڭ ۋەيران بولغانلىقى ۋە تەخمىنەن 2 مىڭ ھايۋاننىڭ ئۆلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

شەھەرلەر ئارا قاتناش يوللىرىنىڭ تاقالغانلىقى ۋە سەلنىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

مىنىستىرلىقىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى بىر ئايدا 20 ۋىلايەتتە سەل سەۋەبىدىن 90 دىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، تەخمىنەن 120 كىشى يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر