ئۇكرائىنا ئىراننى رۇسىيەنى ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئىلھاملاشدۇرۇشتىن ساقلىنىشقا چاقىردى

ئۇكرائىنا ئىراننى «رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى غىدىقلىغۇچى» ھەر قانداق بايانات ياكى ھەرىكەتتىن يىراق تۇرۇشقا چاقىردى.

1857841
ئۇكرائىنا ئىراننى رۇسىيەنى ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئىلھاملاشدۇرۇشتىن ساقلىنىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئولېگ نىكولېنكو، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقىنى ۋاسىتىلىك ئاقلىغان» باياناتى توغرىسىدا توختىلىپ: «رۇسىيەنىڭ (24- فېۋرال) ئاچقان ئۇرۇشىنىڭ بېشىدىن تارتىپلا ئىران ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا بىتەرەپلىكىنى ئېلان قىلدى. ئۇرۇش توختىتىش ۋە سىياسىي-دىپلوماتىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىش توغرىسىدا چاقىرىق قىلدى. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئۇكرائىنا تەرەپ ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئىپادىلىرىدىكى ئۆزگىرىشتىن ئەندىشە قىلماقتا» دېدى.

ئۇ، رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىگە كۆز يۇمۇشنىڭ رۇسىيەنى پەقەت ئۇكرائىنا خەلقىگە ئاچقان ئورۇنسىز ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپلا قالماي، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقىمۇ ئاساس سالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

نىكولېنكو يەنە مۇنداق دېدى: «(ئۇكرائىنانىڭ) رۇسىيەگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ ھەممىسى ئاساسسىزدۇر. بىز ئىران تەرەپنى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقىغا ئىلھام بېرىدىغان ھەر قانداق بايانات ياكى قەدەملەردىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر