ئىراندا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىراندا پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىش خەۋىپىگە دۇچ كەلگەن ئۇرۇمىيە كۆلىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تەدبىرلەرنى قوللانمىغانلىقى سەۋەبىدىن ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

1855860
ئىراندا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۈزلىگەن نامايىشچى غەربىي ئەزەربەيجان ئۆلكىسىگە قاراشلىق ئۇرۇمىيە شەھىرىگە توپلاندى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلەنگەن كۆرۈنۈشلەردە، نامايىشچىلارنىڭ «ئۇرۇمىيە كۆلى سۇسىز قالدى» ۋە «پارلامېنت ئۇرۇمىيە كۆلىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق بەردى» دەپ شوئارلارنى توۋلىغانلىقى كۆرۈلدى ھەمدە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ كوچىلارغا توپلانغانلىقى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

قۇرغاقچىلىق سەۋەبىدىن 2003 - يىلى ئۇرۇمىيە كۆلىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەشكە باشلىغان بولۇپ، 2013-يىلىغا كەلگەندە پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىش خەۋىپىگە دۇچ كەلگەن ئىدى. ھازىر  كۆلنىڭ %95 نىڭ پۈتۈنلەي قۇرۇپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئىراندا ئۇرۇمىيە كۆلىنىڭ  قايتىدىن جانلاندۇرۇلىشىنى تەلەپ قىلىپ بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ پات-پات نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن ئىدى.

دۇنيا بويىچى ئەڭ چوڭ تۇز كۆللىرىنىڭ بىرى بولغان ئۇرۇمىيە كۆلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىققا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىرتەسىر كۆرسەتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر