ئۇكرائىنا شىمالىي كورېيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىدى

ئۇكرائىنا شىمالىي كورېيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئاتالمىش ​​دونېتسىك ۋە لۇخەنسكنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئۈزۈپ تاشلىدى.

1855215
ئۇكرائىنا شىمالىي كورېيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان دونېتسىك ۋە لۇخەنسك رايونىنىڭ ئاتالمىش ​​«مۇستەقىللىقى» نى ئېتىراپ قىلىش قارارى قاتتىق ئەيىبلەندى.

باياناتتا، پيوڭياڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە قارشى ئۇرۇنۇشىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەھدىنامىسى ۋە خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسلىق پرىنسىپلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

بۇ دوستانە بولمىغان ھەرىكەتكە جاۋابەن شىمالىي كورېيە بىلەن بولغان بارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي تېلېگرامما ھېساباتىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ قارارىغا «ھەر ساھەدە ئىنتايىن كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرۈلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر