ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا تېخىمۇ بەرپاچى رول ئويناشقا چاقىردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى رۇسىيەنىڭ 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا قارشى ئاچقان ئۇرۇشىغا خاتىمە بېرىش يولىدا تېخىمۇ بەرپاچى رول ئويناشقا چاقىردى.

1853297
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا تېخىمۇ بەرپاچى رول ئويناشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل، ھىندونېزىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى جەريانىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بوررېل، «خىتاينى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئاچقان ئۇرۇشىنى بىر تەرەپ قىلىشتا تېخىمۇ بەرپاچى رول ئويناشقا، رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئۇنىڭ يەرشارى ئىقتىسادىغا ئېلىپ كەلگەن ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە خاتا ئۇچۇر تارقىتىشقا خاتىمە بېرىشكە چاقىردىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر