سومالى يېقىنقى 40 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر قۇرغاقچىلىق دۇچ كەلدى

سومالىدا يېقىنقى 40 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر قۇرغاقچىلىق يۈز بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن دۆلەتتە 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشى يېمەكلىك ۋە سۇ يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە دۇچار بولدى.

1852094
سومالى يېقىنقى 40 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر قۇرغاقچىلىق دۇچ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سومالى ماسلاشتۇرغۇچىسى مۇدىرى ئادام ئابدەلمۇلى سومالىدا ھازىرغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئەڭ ئېغىر قۇرغاقچىلىق يۈز بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئادام ئابدەلمۇلى سومالىدىكى نۇرغۇن رايونلارنىڭ قۇرغاقچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى ۋە دۆلەت نوپۇسنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدىغان 7 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ جىددىي ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ھەمبەھىرلىدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى دوكتور مامۇنۇر راھمان مالىكمۇ يېمەكلىك مەسىلىسىنىڭ كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە سەلەبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بىر مىليون كىشىنىڭ يېمەكلىك ۋە سۇ يېتىشمەسلىككە مۇبتىلا بولغانلىقىنى ئېيتتى.

سومالى ھۆكۈمىتى دەرىجىدىن تاشقىرى قۇرغاقچىلىق سەۋەبىدىن 23 - نويابىردا مەملىكەت مىقياسىدا «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر