سېربىيەدە ئىككى كۆچمەنلەر گۇررۇپپىسى ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى
سېربىيە-ۋېنگرىيە چېگراسىدا ئىككى كۆچمەنلەر گۇررۇپپىسى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشتا، 1 كۆچمەن قازا قىلىپ، 7 كۆچمەن يارىلاندى.
1851177
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېربىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋېنگىرىيە چېگراسىدا دۆلەتنىڭ شىمالىدىن ياۋروپاغا ئۆتمەكچى بولغان ئىككى گۇرۇپپا كۆچمەنلەر ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن. توقۇنۇشتا 1 كۆچمەن قازا قىلىپ، 7 كۆچمەن يارىلانغان.
توقۇنۇشنىڭ ئافغانىستانلىق ۋە پاكىستانلىق ئادەم ئەتكەسچىلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.