توكيو 150 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق ھاۋا دولقۇنىغا دۇچ كەلدى

ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيو ۋە ئەتراپى، 150 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق ئىيۇن ئېيىنى باشتىن كەچۈردى.

1849791
توكيو 150 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق ھاۋا دولقۇنىغا دۇچ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توكيو ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى 1951 - يىلدىن بۇيانقى ئەڭ قىسقا يامغۇر پەسلىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، پەۋقۇلئاددە يۇقىرى تېمپېراتۇراغا دۈچ كەلدى.

ياپونىيەدىكى قاتتىق ئىسسىق بۈگۈنمۇ تەسىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

پايتەخت توكيو بۇ يىل ئىيۇندا، 1875-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق ھاۋا دولقۇننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى، پايتەختنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئۇدا 5 كۈن بويىچە 35 گرادۇستىن ئېشىپ كەتتى.

توكيونىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىسەساكى شەھىرى 40.2 سېلسىيە گرادۇسلۇق تېمپېراتۇرا رېكورتىنى ياراتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ھۆكۈمەت ئېنېرگىيە كرىزىسى يۈز بېرىش ئېھتىمالىغا قارشى خەلقنى توكنى تېجەشكە چاقىردى ۋە زۆرۈر بولمىغان شارائىت ئاستىدا ئېنېرگىيە ئىسراپىدىن ساقلىنىش كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر