ئېكۋادوردا 18 ساقچى نامايىشچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلدى

ئېكۋادوردا يەرلىك نامايىشچىلارنىڭ بىر ساقچىخانىدا قىلغان ھۇجۇمدا 18 ساقچىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1847219
ئېكۋادوردا 18 ساقچى نامايىشچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى پاترىسىئو كاررىلو مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئېكۋادورنىڭ ئامازون رايونىغا قاراشلىق پۇيو يېزىسىدا بىر ساقچىخانىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كارىللو ساقچىلارنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كارىللو ساقچىخانىدىكى 9 ساقچىنىڭمۇ نامايىشچىلارنىڭ مۇداخىلىسى سەۋەبىدىن يارىلانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بىر بانكا، ئاممىۋى  ۋە خۇسۇسىي ئەسلىھەلەرنىڭمۇ بۇلانغانلىقىنى ئېيتتى.

دۆلەت مىقياسىدىكى ئىش تاشلاش نامايىشىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، 10 كۈندىن بۇيان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلىۋاتقان مىڭلىغان كىشى پايتەخت كىتو قاتارلىق نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ مەيدانلىرىغا توپلاشقان ئىدى.

ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلاردا، ھازىرغا قەدەر 2 يەرلىك كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە 18 كىشى ئېغىر بولۇپ، جەمئىي 100 دىن ئارتۇق نامايىشچىنىڭ يارىلانغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر