مۇھەممەد بىن سەلمان تۈركىيە زىيارىتى توغرىسىدا تېلېگرامما تارقاتتى

سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان تۈركىيەگە قاراتقان تۈنۈگۈنكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

1847142
مۇھەممەد بىن سەلمان تۈركىيە زىيارىتى توغرىسىدا تېلېگرامما تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (SPA) پايتەخت ئەنقەرەدىن ئايرىلغان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ «قېرىنداش دۆلىتىڭلاردىن ئايرىلىۋېتىپ، مەن ۋە ھەيئىتىمنى قىزغىن قارشى ئېلىپ مېھماندوستلۇقىنى ئىزھار قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئالىيلىرىغا چوڭقۇر رەھمىتىم ۋە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن» دېگەن سۆزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچۇرىنى ھەمبەھرىلىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان ئۇچۇرىدا، ئەنقەرە زىيارىتى جەريانىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكلىرىنى، تۈركىيە - سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋىتىنىڭ «ئىككى قېرىنداش دۆلەت ۋە ئۇلارنىڭ خەلقلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە» تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، سەئۇدى ئەرەبىستان تاراتقۇلىرى، شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ تۈركىيە زىيارىتى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ تارىخى مۇناسىۋەتلىرىگە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى؛ مەركىزى سەئۇدى ئەرەبىستانغا جايلاشقان «ئەلئىخبارىييە» قانىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، «سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ رەھبەرلەر ئوتتۇرىسىدا بېسىلغان كونكرېت قەدەملەرنىڭ يېڭى بىر تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش دەۋرىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكى» قارىشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە كۈچلۈك دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلگەن خەۋەردە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىقىنىڭ رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە رايوننىڭ مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشۇش نۇقتىسىدىن مۇھىم ئىكەنلىكى، شاھزادىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىنىڭ تارىخىي مۇناسىۋەتلەرنى بارلىق ساھەلەر بويىچە كۈچەيتىشتىن دېرەك بېرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

SPA نىڭ تۈركىيە - سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچلۈك ھەمدە ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان خەۋىرىدە بولسا، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزئارا زىيارەتلىرىنىڭمۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان گېزىتلىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ تىۋىتتىردا بىن سەلماننىڭ تۈركىيە زىيارىتى ھەققىدە «شاھزادە تۈركىيەدە» دېگەن خەتكۈچ ئاستىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر