بۇ قېتىم ئافغانىستاننىڭ بەدەخشان ۋىلايىتىدە يەر تەۋرىدى

ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بەدەخشان ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى فەيزىئاباد شەھىرىدە 4.3 بال يەر تەۋرىدى.

1847218
بۇ قېتىم ئافغانىستاننىڭ بەدەخشان ۋىلايىتىدە يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان يەر تەۋرەش مەركىزى بايانات ئېلان قىلىپ، ئافغانىستاندا تۈنۈگۈن (22-ئىيۇن) يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتىن كېيىن، بۈگۈن (23-ئىيۇن) بەدەخشاننىڭ فەيزىئاباد شەھىرىدە 4.3 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەتقىقات ئىدارىسى بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ يەردىن 220 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، مەركىزىي نۇقتىسىنىڭ بەدەخشان ۋىلايىتىگە جايلاشقان جۇرم يېزىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 48 كىلومېتىر كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پاكتىكا ۋىلايىتىدە تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن 5.9 بال يەر تەۋرەشتە 1000 دىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ۋە 1500 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان ئىدى.

مەسئۇل دائىرىلەر پاكتىكا ۋىلايىتىنىڭ گىيان ناھىيەسى بىلەن خوست ۋىلايىتىنىڭ سپىرەي ناھىيەسىنىڭ يەر تەۋرەشنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

يەر تەۋرەش مەركەز نۇقتىسىنىڭ، ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى پاكىستان چېگراسىغا جايلاشقان خوست ۋىلايىتىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 46 كىلومېتىر كېلىدىغان جاي ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر