رۇسىيەلىك ژۇرنالىست مۇراتوۋ ئۇكرائىنالىق ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن نوبېل مۇكاپاتىنى ساتتى

2021- يىللى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن رۇسىيەلىك ژۇرنالىست دىمىترىي مۇراتوۋ مۇكاپاتىنى 103 مىليون 500 مىڭ دوللارغا سېتىپ، ئۇكرائىنالىق پاناھلانغۇچى ئۆسمۈرلەرنىڭ مەنپەئەتىگە بېغىشلىدى.

1846259
رۇسىيەلىك ژۇرنالىست مۇراتوۋ ئۇكرائىنالىق ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن نوبېل مۇكاپاتىنى ساتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىكى تالاشتۇرۇپ سېتىش مەركىزى «Heritage Auctions» مۇراتوۋنىڭ نوبېل مۇكاپاتىنى سېتىشقا قويدى.

رۇسىيەلىك ژۇرنالىست مۇراتوۋنىڭ ئۇكرائىنالىق ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن سېتىشقا قويغان 2021-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا 103 مىليون 500 مىڭ دوللارلىق خېرىدار چىقتى.

مۇراتوۋ سېتىشتىن كېيىنكى باياناتىداŞ «چوڭ بىر ھەمكارلىق بەرپا بولىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلغان ئىدىم. لېكىن بۇنداق كۆپ پۇل بولىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىدىم» دېدى.

مۇكاپاتتىن قولغا كەلگەن پۇلنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى (UNICEF) ئارقىلىق ئۇكرائىنالىق پاناھلانغۇچى ئۆسمۈرلەرگە پايدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

رۇسىيەلىك ژۇرنالىست مۇراتوۋ تەرىپىدىن 103 مىليون 500 مىڭ دوللارغا سېتىلغان نوبېل مۇكاپاتى، 2014-يىلى 4 مىليون 740 مىڭ دوللارغا سېتىلغان جامېس ۋاتسوننىڭ نوبېل مۇكاپاتىدىن ھالقىپ، بۇ ساھەدە رېكورت ياراتقان بولدى.

تالاشتۇرۇپ سېتىش مەركىزى «Heritage Auctions» سېتىۋالغۇچىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىمىدى.

مۇراتوۋ 1993-يىلى رۇسىيەنىڭ «نوۋايا» گېزىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتى گېزىت ھەققىدە، «نوۋايا گېزىتى بۈگۈنكى كۈندە رۇسىيەنىڭ ئەڭ مۇستەقىل گېزىتى ۋە ھۆكۈمەتنى تەنقىدلەش ئاساسىدا پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلمەكتە» دەپ بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر