گىرېتسىيە قۇتراتقۇلۇق قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

گىرېتسىيە تەرەپ ئەگە دېڭىزىدىكى قۇتراتقۇلۇقلىرىغا يېڭى قۇتراتقۇلۇقلارنى ئىلاۋە قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1845191
گىرېتسىيە قۇتراتقۇلۇق قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىزچىل ھالدا تىنچلىقنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، گىرېتسىيە تەرەپ ئەگە دېڭىزىدىكى قۇتراتقۇلۇقلىرىغا يېڭى قۇتراتقۇلۇقلارنى ئىلاۋە قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

گىرېتسىيەنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى نىكوس خاردالىياس تۈنۈگۈن تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، تۈركىيەگە 80 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى بوزبابا ئارىلىنى زىيارەت قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، گرېتسىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بۇ يىل  غەيرىي ھەربىي سالاھىيەتكە ئىگە ئاراللاردا 50  قېتىمغا يېقىن زىيارەتتە بولغان.

گىرېتسىيە تەرەپنىڭ خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەر ۋە كېلىشىملەرگە زىت بولغان بۇ پائالىيەتلەرنى كۈچەيتىشىنىڭ «ئىغۋاگەرچىلىك» قىلىش مەقسەتلىك ئىكەنلىكى، ئەگە دېڭىزىدا مىڭلارچە ئارال تۇرغان يەردە، بۇ ئاراللارنى تاللاپ زىيارەت قىلىشنى باشقىچە ئىزاھلىغىلى بولمايدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

ھەربىي مەنبەلەر، گىرېتسىيە دائىرىلىرىنىڭ جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتىۋېتىدىغان بۇ خىل زىيارەتلەرگە خاتىمە بېرىشىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر