بۇركىنا فاسودىكى ھۇجۇمدا قازا قىلغانلار سانى 86 گە يەتتى

بۇركىنا فاسونىڭ ساھېل رايونىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا قازا قىلغان پۇقرالار سانى 86 گە يەتتى.

1844228
بۇركىنا فاسودىكى ھۇجۇمدا قازا قىلغانلار سانى 86 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇركىنا فاسو ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، شەنبە كۈنى كېچىسى سەيتېنگا ناھىيەسىدە كىملىكى ھازىرغىچە ئېنىقلىنالمىغان كىشىلەر تەرىپىدىن قىلىنغان ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلاردىن يەنە يەتتە كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن، قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 86 گە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

9 – ئىيۇن سەيتېنگا ناھىيەسىدە تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 11 ژاندارما ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

قوشنا دۆلەت مالىدىكى ئەلقائىدە ۋە دائېشقا چېتىشلىق تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرى 2015- يىلىدىن بۇيان بۇركىنا فاسونىڭ شىمالى ۋە شەرقىدىكى جايلارغا دائىم ھۇجۇم قوزغاپ كەلمەكتە. ھۆكۈمەتنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2015 - يىلىدىن 2021 - يىلىنىڭ 12-ئېيىغىچە بولغان جەرياندىكى ھۇجۇملاردا، 600 نەپىرى خەۋپسىزلىك خادىمى بولۇپ جەمئىي 2000 ئادەم قازا قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر