ئامېرىكا 45 گرادۇسقا چىققان ئىسسىقلىققا قارشى خەلقنى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكادا تەخمىنەن 100 مىليون كىشى ئىسسىقلىقتىن ئېھتىيات قىلىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلدى.

1842830
ئامېرىكا 45 گرادۇسقا چىققان ئىسسىقلىققا قارشى خەلقنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەتلىك ھاۋارايى ئىدارىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، چارشەنبە كۈنىگە قەدەر تېمپېراتۇرا ئامېرىكانىڭ 100 دىن ئارتۇق شەھىرىدە رېكورت يارىتىپ، رايوندا ياشايدىغان 100 مىليونغا يېقىن ئاممىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەردە، 45 گرادۇسقا چىققان ئىسسىقلىق ئۈچۈن «خەتەرلىك ئىسسىق مۇھىت» دېگەن سۆز ئىشلىتىلدى، بولۇپمۇ ياشانغانلارنىڭ ئېھتىيات قىلىشى تەۋسىيە قىلىندى.

تېز سۈرئەتتە ئۆرلەۋاتقان تېمپېراتۇرانىڭ ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنلىرىدە ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا رايونلىرىدا قاتتىق بوران ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكى، ھەتتا چىكاگو، دېترويىت، كلېۋېلاند ۋە پىتتسبۇرگ رايونىدا بوران ئاپىتى پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەندى.

ئىسسىق ھاۋا دولقىنى شەرققە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان بولۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن كەلگۈسى بىر ھەپتە بويىچە تەسىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى، ئىسسىقىلىقنىڭ پەسىللىك نورمال ھالەتتىن يۇقىرىلاپ، تېخىمۇ ئۇزۇن داۋاملىشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر