فىرانسىيەدە يېمەكلىك ساھەسىدە باشلانغان باكتېرىيە كرىزىسى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە

پىسا، ئىرىمچىك ۋە شاكىلاتتىن كېيىن، بۇ قېتىم قېتىقتىمۇ باكتېرىيە بايقالدى.

1843222
فىرانسىيەدە يېمەكلىك ساھەسىدە باشلانغان باكتېرىيە كرىزىسى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قېتىق ئىشلەپچىقارغۇچى مالو شىركىتى مەملىكەت مىقياسىدىكى بارلىق مەھسۇلاتلىرىنى يىغىۋېلىشنى قارار قىلدى.

قارارنىڭ مەھسۇلاتتا <E.coli> باكتېرىيەسى بايقالغاندىن كېيىن ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى سۈپىتىدە ئېلىنغانلىقى  بىلدۈرۈلدى.

شىركەت <Ille-et-Vilaine> شىھىرىدىكى زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق قېتىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ يىغىۋىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سېتىشتىن قالدۇرۇلغان مەھسۇلاتلارنىڭ 8 - ئىيۇندا ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى ۋە  مۇددىتى 11 - ئىيۇلدا تولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى، قايتۇرۇلغان مەھسۇلاتلارنىڭ پۇلىنىڭ خېرىدارلارغا قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

فىرانسىيەدە يېقىندىن بۇيان يېمەكلىك ساھەسىدىىن ئارقىمۇ ئارقا چىققان باكتېرىيە خەۋەرلىرى ئەندىشە ياراتماقتا.

مارت ئېيىدىمۇ «Buitoni» ماركىسىغا تەۋە پىسا مەھسۇلاتلىرىدا <E.coli> باكتېرىيەسى بايقالغان ۋە پىسانى يېگەن ئىككى كىچىك بالا قازا قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر