ۋېنېزۇئېلادا تۇنجى مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى ۋەقەسى كۆرۈلدى

جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىگە جايلاشقان ۋېنېزۇئېلادا تۇنجى مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىنىڭ بايقالغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

1842332
ۋېنېزۇئېلادا تۇنجى مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى ۋەقەسى كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا سەھىيە مىنىستىرلىقى تۋىتتېر بېتىدە، پايتەخت كاراكاستىكى سىمون بولىۋار خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا قىلىنغان تەكشۈرۈشتە مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىمارنىڭ دەرھال يېقىن يەردىكى دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا: «ئىسپانىيە پايتەختى مادرىدتىن ۋېنېزۇئېلاغا كەلگەن بىمار، بارسېلونادا ئىككى كىشى بىلەن ئۇچراشقان» دېيىلدى.

ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەردىن بىرى بولغان مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى، كونگو ۋە غەربىي ئافرىقا تۈرى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.

ۋىرۇسنىڭ كونگو تۈرى %10 گىچە ئۆلۈم خەۋپى پەيدا قىلىدۇ. غەربىي ئافرىقا تۈرىنىڭ ھەر ئىككىسىدىن بىرىدە %1 ئۆلۈم نىسبىتى بار. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ھايۋانلاردىن ئادەمگە ۋە ئادەمدىن ئادەمگە يۇقۇشى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان ۋىرۇس، ئادەم بەدىنىدە قىززىش ۋە قىچىشىش پەيدا قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر