سۇداندىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا 15 مىڭ 800 قوينى ئېلىپ ماڭغان پاراخوت چۆكۈپ كەتتى
قىزىل دېڭىزنىڭ سۇدان دېڭىز قىرغىقىغا يېقىن جايدا، ئىچىدە 15 مىڭ 800 قوي بولغان بىر پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە بارلىق ھايۋانلار قازا قىلدى.
1841776
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇداننىڭ پورت شەھىرى سۇئاكىندىن يولغا چىققان ۋە ئىچىدە 15 مىڭ 800 قوي بولغان «بەدر 1» ناملىق پاراخوت ئەتىگەندە دېڭىزغا چۆكۈپ كەتتى.
سەئۇدى ئەرەبىستانغا قاراپ ماڭغان پاراخوتنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا 8 مىڭ ھايۋان سېغىمچانلىقىغا ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئالاقىدار مەسئۇللار ھادىسىنىڭ مۇشۇ سەۋەبتىن يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بارلىق خادىملارنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن مىڭلىغان ھايۋانلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مۇھىت مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.